ئۇيغۇر ئاياللارغا قارىتىلغان قۇللۇق سىياسىتى داۋاملاشماقتا

2017 – يىلدىن بۇيان دۇنيا ئاخباراتىدا تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى بىلەن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى نەچچە مىليونلىغان ئەركەكلەر تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەر ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامالدى. بۇ ئەھۋالنى پۇرسەت بىلگەن تاجاۋۇزچى خىتاي ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىپپىتىگە تاجاۋۇز قىلىشتىن باشقا يەنە ھەر تۈرلۈك مەجبۇرى ئەمگەكلەرگە، ھاشارلارغا سېلىپ قۇل ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلدى.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى توشۇۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندا بىر قانچە ئايالنىڭ بىرلىشىپ تام قوپۇرۇۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندا قاشتېشى ئىزدەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. تارىختىن بۇيان ئەتىۋارلىنىپ ئەرلىرى، ئاتىلىرى تەرىپىدىن ئېغىر ئىشلارغا سېلىنمىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەمدىلىكتە بولسا زالىم خىتاي تەرىپىدىن قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلمەكتە.
خىتاي ئىزچىل ئۆز جىنايىتىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭغا ئوخشاش سىنلار شەرقىي تۈركىستاندا ئىشقا سالغۇدەك ئەرلەر قالمىغانلىقىدىن ئاياللارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1018 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2021 09:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق