سۇلايمان سويلۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۈكۈتىنى بۇزدى

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىقى ئەڭ ۋەھشىي شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كەلگەن بىر پەيتتە خېلىدىن بۇيان تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۈكۈتتە تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىدى ۋە بۇ مەسىلە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ بىئارام قىلماقتا ئىدى.
بۈگۈن 15 – ڧېۋرال تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنسىىرى سۇلايمان سويلۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرلىكى ئورگان تورىدا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تۈركىيەدە ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل ۋە كۆك بايراق سايىسىدا ئەركىن ۋە مۇستەقىل ياشىماقتا» دېدى.
باياناتتا مۇنۇلار تىلغا ئېلىندى:
«جۇمھۇر رەئسىمىزنىڭ تەلىماتى بىلەن قېرىنداشلىرىمىزغا قىلغان خىزمەتلرىمىز بىزنىڭ شەرىپىمىزدۇر.
مەڭگۈلۈك تۇرۇش ئىجازىتى بېرىش، تۈركىيە گەرەژدانلىقىغا قوبۇل قىلىنىش ئىشلىرى، كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى خىزمەتلەردە قېرىنداشلىرىمىزغا ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن مۇئامىلە قىلىنماقتا. ئاتا-ئانسى بولمىغان پەرزەنتلەرگە ئىگە بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ تەلىم - تەربىيە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ئىشلىرىغا قولىمىزنىڭ كۆكسىمىزدە بولۇشى مىللىتىمىزنىڭ ئېسىللىكى ۋە قېرىنداشلىقىمىزنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ئىنسانلىق، قېرىنداشلىق بىزنىڭ مەجبۇرىيتىمىزدۇر
بۇلارنىڭ شاھىتى ئاللاھتۇر!
ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز مىللتىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ كاپالىتى ئىچىدىدۇر. چۈنكى بۇ ۋەتەن ئۇلارنىڭمۇ ۋەتىنىدۇر.
قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن مېنى نىشان قىلىپ يېزىلغان ئەخلاقسىز ئىنكاسنىڭ ئىگىسىنىڭ رەئىسىگە يارىشىدىغان دەرىجىدە سەۋىيەسىز بىرى ئىكەنلىكى مىللىتىمىزگىمۇ ۋە ئۆزىگىمۇ مەلۇمدۇر.
بارلىق مەزلۇملارنىڭ دەۋاسى مىللىتىمىزنىڭ دەۋاسىدۇر.
ئاللاھ بارلىق مەزلۇملار ئالدىدا مىللىتىمىزنى خىجىل قىلمىسۇن.

بۇ خەۋەر 1284 قېتىم كۆرۈلدى
15/02/2021 15:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق