ئۇستاز ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت قىلىندى

ئۇستاز ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت قىلىندى


شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە تونۇشلۇق دىنىي ئۆلىمالاردىن بىرى بولغان ئابدۇلئەھەد مەخسۇمنىڭ ئوغلى ئۇستاز ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم 11- فېۋرال خىتاي تۈرمىسىدە 62 يېشىدا شېھىت قىلىندى.
ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم 1958-يىلى خوتەننىڭ قاراقاشتا مەرىپەتپەرۋەر ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ خوتەندە، ھەتتا شەرقىي تۈركىستاندا تونۇلغان، ئىسلامنىڭ سىياسەت قىسىمىدا كۆپ ئىزدەنگەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايغا قارشى ئويغىنىش ھەرىكىتىدە باشلامچىلىق رول ئوينىغان ۋە 2018-يىلى لاگېردا شېھىت قىلىنغان ئۇستاز ئابدۇلئەھەد مەخسۇمنىڭ چوڭ ئوغلى.
ئابدۇرەئۇپ مەخسۇمنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي مائارىپىدا، خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى كۈرەشتە كۆپلىگەن قۇربانلىقلارنى بېرىپ كەلگەن بولۇپ، 1880-يىللىرىدىن تارتىپ ئۇلارنىڭ جەمەتىدىكى ھەر ئەۋلادتىن شېھىتلەر چىقىپ تۇرغان.
ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئاساسلىق دادىسى مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇمدا ئىلىم تەھسىل قىلغان بولۇپ، ئۇ ئوقۇش بىلەن بىرگە دەۋەت، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى بىرگە ئېلىپ مېڭىپ، ئۆلىمالار، تالىپلار ۋە خوتەن خەلقىنى خىتايغا قارشى ئويغىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. مەرھۇمنىڭ ئېغىر-بېسىق، كەمتەر مىجەز-خۇلقى ئەتراپىدىكى خەلققە كۈچلۈك تەسىر قىلغان. مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم دادىسى تۈرمىدە ياتقان ئون نەچچە يىل جەريانىدا دادىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئاكتىپ داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، جەمەتىنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى مەرھۇمنى 2017-يىلى 2-ئايدا ئۆيىدىن بىر كىتاب تېپىۋالغانلىق باھانىسى بىلەن تۇتقۇن قىلغان. ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم سوراقتا كىتابتىن خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان.  ئابدۇرەئۇپ مەخسۇمنى «ئۆكتەملىك قىلدى» دېگەن تۆھمەت بىلەن 10 يىللىق كېسىۋەتكەن ۋە ئۇنى 2017- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا سانجى تۈرمىسىگە يۆتكىگەن. خىتاي ئۇنى ئۈچ ئاي ئىلگىرى خوتەن تۈرمىسىگە يۆتكىگەن بولۇپ، 11-فېۋرال (پەيشەنبە) كېچىسى خوتەن تۈرمىسىدە شېھىت قىلىنغان.
ئۇستاز ئابدۇرەئۇپ مەخسۇمنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مەرھۇمنى تۈرمىدىكى ناچار شارائىتتا قاتتىق قىينىغان بولۇپ، ئۇ ئورۇقلاپ بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان.
مەرھۇمنىڭ شېھىت بولغانلىق خەۋىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مەرھۇمغا تەزىيە بىلدۈردى.

 

بۇ خەۋەر 1228 قېتىم كۆرۈلدى
13/02/2021 17:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق