ئەنقەرەدىكى «مىللەت نۆۋىتىمىز» پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

ئەنقەرەدىكى «مىللەت نۆۋىتىمىز» پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى
ئەنقەرەدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر ھەپتىگە يېقىن داۋاملىشىۋاتقان «ئائىلەم قەيەردە؟» پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى كۈن ئالدىدا پائالىيەتكە قاتناشقان تۆت ياشنى تۈركىيە ساقچىلىرى ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا قىلغان پائالىيىتىنىڭ مەقسەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى سورىغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلغان. تۈنۈگۈندىن باشلاپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ياشلارنىڭ ماشىنىلىرى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ماشىنىنى سىرت چىقىشقا رۇخسەت قىلمىغان. پائالىيەت قىلىۋاتقان ياشلارنىڭ ياتاق ئەتراپىدىكى دۇكانلارغا كىرىشتىن باشقا، خىتاي ئەلچىخانىسى تەرەپكە بېرىشى چەكلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن دوكتور ئىلياس دوغان ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئاكادېمىكلار ياتاققا نەزەربەند قىلىنغان ياشلارنى زىيارەت قىلغان. زىيارەتتىن كېيىن دوكتور ئىلياس دوغان ئەپەندى بۇ ياشلارغا قىلغان مۇئامىلىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، سوت مەھكىمىسىگە ساقچىلار ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىستانبۇلدىكى نامايىشچىلار بولسا بۈگۈنمۇ قاتتىق سوغۇق ۋە قار-يامغۇرغا قارىماي، خىتاي باش كونسۇلخانىسىغا يېقىن دېڭىز ساھىلىدا نارازىلىق پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە كۆپلىگەن خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي گۇۋاھلىق بەرگۈزۈپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر پەيتتە قوزغالغان «ئائىلەم نەدە؟» پائالىيىتىنىڭ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى، بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ، بۇ ھەرىكەتنى توسۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
https://www.facebook.com/abdulhemid.uygur.96/videos/254916776123641/?app=fbl

بۇ خەۋەر 1156 قېتىم كۆرۈلدى
12/02/2021 17:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق