ۋەفا جەمئىيىتى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى

ۋەفا جەمئىيىتى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى
مەركىزى گېرمانىيەگە جايلاشقان ۋەفا جەمئىيىتى 10-فېۋرال شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدىن تەلىم-تەربىيە ۋە ياردەم ئېلىۋاتقان ئۆسمۈرلەرگە قىشلىق كىيىم-كېچەك ياردىمىنى يەتكۈزدى.
خەلقئارالىق ياردەم قۇرۇلۇشى بولغان ۋەفا ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇرۇش ۋە تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن كۆچۈش، يوقسۇزلۇق، موھتاجلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلگەن.
نۇزۇگۇم جەمئىيىتى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەفا جەمئىيىتى بۇندىن بىر ھەپتە بۇرۇن نۇزۇگۇم جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تۈركىيەدە مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ياردەم قىلىش نىيىتىنى بىلدۈرگەن ۋە ئالدى بىلەن ئەڭ ئىھتىياجلىقلاردىن باشلاپ 30 ئۆسمۈرگە كىيىم-كېچەك سېتىۋالغان.
10-فېۋرال ۋەفا جەمئىيىتىنىڭ ئالتە كىشىلىك بىر ھەيئىتى باشقا جەمئىيەت ۋە ئورۇنلاردىن تىزىمغا ئالغان بىر قىسىم قازاق ۋە پارس ئۆسمۈرلىرىنى بىرلىكتە ئېلىپ، نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى باش ئىشخانىسىغا زىيارەتكە كەلدى ۋە ئۆسمۈرلەرنى ئۆز ئارا تونۇشتۇرۇپ، ئارقىدىن ئۇلارغا قىشلىق كىيىم-كېچەك تارقىتىپ بەردى.
پائالىيەت ئاخىرىدا نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر خانىم، ياردەمچىلەردىن ئەلانۇر خانىم ۋە ئائىشە خانىملار ۋەفا جەمئىيىتىنىڭ بۇ قېرىنداشلارچە ياردىمى ئۈچۈن رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، جەمئىيەت نامىدىن ئۇلارغا ھەدىيە ۋە دوپپا تەقدىم قىلدى.
ئارقىدىن ئۇلارغا ئاتاپ سالغان چاي داستىخىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى. شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پائالىيەتچىلەرگە ۋە خەلقلەرگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلدى.
ۋەفا جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى يەنە نۇزۇگۇم دۇكىنى ۋە نۇزۇگۇم چايخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، يولدىشى يېنىدا بولمىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ شۇنچە قىيىن ئەھۋالدىمۇ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشقا تىرىشىۋاتقان روھىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە نۇرغۇن كىشىلەرگە ياخشى ئۈلگە بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

بۇ خەۋەر 909 قېتىم كۆرۈلدى
11/02/2021 17:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق