ھىندونېزىيە ياردەم جەمئىيىتى تاڭ نۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قىشلىق كىيىم ھەدىيە قىلدى

ھىندونېزىيە ياردەم جەمئىيىتى تاڭ نۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قىشلىق كىيىم ھەدىيە قىلدى
ھىندونېزىيەنىڭ ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى «تېز ھەرىكەتكە ئۆتۈش فوندى» (ACT) 10-فېۋرال تاڭ نۇرى ئانا تىل تەلىم-تەربىيە مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا قىشلىق كىيىم ھەدىيە قىلدى.
بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەزكۇر ياردەم جەمئىيىتىنىڭ ئىككى ۋەكىلى تاڭنۇرى تەلىم تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ زىيارەتتە بولدى. ئۇلار بۇ قېتىم ھەم ئىلھام، ھەم ياردەم نىيىتىدە 20 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەربىرىگە 200 لىرا قىممىتىدىكى قىشلىق كىيىم-كېچەك ھەدىيە قىلدى ۋە مەيلى قانداق ئەھۋال ياكى شارائىتتا بولسۇن، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشقا، مائارىپ ئارقىلىق يۈكسىلىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1083 قېتىم كۆرۈلدى
11/02/2021 17:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق