خىتاي بۇ يىلمۇ ئۇيغۇرلارنى چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىماقتا

خىتاي بۇ يىلمۇ ئۇيغۇرلارنى چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىماقتا
تەيۋەن خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمى يېقىنلىشىشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرمۇ بۇ بايرامغا مەجبۇرىي تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان.
12-فېۋرال خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمى بولۇپ، بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ رايونلىرىدا كوچىلارغا خىتاينىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە رەڭلىك پانۇسلار مەجبۇرىي ئېسىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەردىن خىتايلار بىلەن بىرگە چاغاننى تەبرىكلەش تەلەپ قىلىنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرىدىن چاغان مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي سىياسىتىدىن نارازى بولغان-بولمىغانلىقىنى ئېنىقلاشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن ئىشىك ئالدى ۋە ھويلىسىغا پانۇس ئېسىشنى تەلەپ قىلغان. چاغان ئۆتكۈزمىگەن ئۇيغۇرلار خىتاي مەدەنىيىتىگە قارشى تۇرغان ئەسەبىيلەر، دەپ ئەيىبلىنىپ، جازا لاگېرىغا سولانغان. خىتاي دائىرىلىرى يەنە، چاغان مەزگىلىدە يېزا-كەنتلەرنىڭ چوقۇم چاغانلىق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشى، پائالىيەتكە بارلىق كەنت ئاھالىسىنىڭ چوقۇم قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلىدىن بېرى خىتاي چاغىنى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى پانۇس ئېسىشقا مەجبۇرلاپ كەلگەنلىكى، ھەربىر ئائىلىگە چوشقا گۆشى تارقىتىپ، مۇسۇلمان خەلقنى بۇ گۆشنى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، رەت قىلغانلارنى ئەسەبىي، تېررورچى دەپ ئەيىبلەپ، لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە سولىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
https://www.rti.org.tw/news/view/id/2091527

بۇ خەۋەر 1236 قېتىم كۆرۈلدى
10/02/2021 16:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق