خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ «مىللەت نۆۋىتىمىز» چاقىرىقىنى قوللاش باياناتى

بايانات
شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بىر دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشى ۋە جازا لاگېرى شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا جاۋابەن، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئومۇمىي جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەڭ خەلق تەرىپىدىن قوللاشقاۈ ئېرىشىشىدە، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىشىدا ۋە خۇسۇسىي جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىشغالچى دۈشمەن ئالدىدىكى ئىرادىسىنى ئىپادىلىشىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 3-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان يازما باياناتى ۋە 5-فېۋرالدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تەكىتلىگىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىشغالنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ باشلانغان ۋە زۇلۇملار سەۋەبلىك تېخىمۇ كۈچەيگەن بىر دەۋادۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن 71 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى سىياسىي، ئىجتىمائىي، دىپلوماتىيە، ئاخبارات، تەلىم-تەربىيە ۋە باشقا ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. بىرلىكىمىز بۇ كۈرەشتىكى غەلىبىنىڭ ئومۇمىي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشتىراكى بىلەن قولغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە خەلقىمىزنى ئۆز ئىمكانىيەتلىرى بىلەن كۈچ چىقىرىشقا تەرغىب قىلىدۇ. بىرلىكىمىزمۇ بىۋاسىتە ۋە ئەزا تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەر ۋاقىت خەلقىمىزنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتىمىز ۋە داۋاملىق قوللايمىز.
3-فېۋرال شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى ۋە بىرلىك ۋەكىلىمىز مەھمۇدجان داموللامنىڭ چاقىرىق قىلغىنىدەك، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى خىتايغا قارشى بارلىق ھەرىكەتلەر ۋە چاقىرىقلارنى، جۈملىدىن ئەنقەرەدە داۋاملىشىۋاتقان «#مىللەت_نۆۋىتىمىز» چاقىرىقى بىلەن باشلىغان ھەرىكەتنى قوللايدۇ ۋە خەلقىمىزنىمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن قىلىنغان ھەرىكەتلەرگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەمدەمدە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. بىرلىككە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مېدىيا ۋە ئاخبارات جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپىسى، ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ۋە باشقا ئەزا تەشكىلات رەھبەرلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە كېيىن ئەنقەرەدە داۋاملاشقان خەلق ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ قوللاپ كېلىۋاتىدۇ ۋە بۇ قوللاش بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە داۋاملىشىدۇ.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مۇستەقىللىق، مىللىي بىرلىك، سىياسىي ھەمكارلىق، ۋەتىنىمىزنىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە ئورتاق بايراق پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرىكەتلىرىدە خىتاينى بىردىنبىر دۈشمەن دەپ قاراشقا ۋە بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسىنىڭ مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىدە مۇستەھكەم تۇرۇشقا ۋە بۇ خىل زۇلۇم ۋە سىياسەتلەرگە قارشى ئۆز ئىمكانىيىتى بويىچە ئۈنۈملۈك ۋە توغرا ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدۇ.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى
202128

بۇ خەۋەر 987 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2021 20:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق