خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدىكى نامايىش داۋاملاشماقتا

خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدىكى نامايىش داۋاملاشماقتا
خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا باشلانغان «ئائىلەم قەيەردە» نامىدىكى نارازىلىق پائالىيىتى نۆۋەتتە ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا تەڭلا داۋاملاشماقتا.
ئالدىنقى مەزگىللەردە ئىستانبۇلدىكى خىتاينىڭ باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا باشلانغان نارازىلىق نامايىشى ئۇدا ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملىشىپ، تاراتقۇلارنىڭ ۋە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم تەشكىلات ۋە پارتىيەلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن، ئەلچىخانا خادىملىرى ئىستانبۇل ۋالىيلىقى ئارقىلىق ئارقىلىق نامايىشچىلارنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەييارلاپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما 5000 پارچىدىن ئارتۇق ماتېرىيال تەييارلاپ كېلىنگەندە، كونسۇلخانا خادىملىرى سۆزىدىن يېنىۋېلىپ، بۇلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ئىدى.
قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ۋاز كەچمىگەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار 4-فېۋرالدىن باشلاپ ئەنقەرەدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، ئىز-دېرىكى بولمىغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ ھەرىكەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئىستانبۇل، كونيا قاتارلىق جايلاردىن يىغىلغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار بۈگۈنمۇ ئەلچىخانا ئالدىغا يىغىلىپ، نامايىشىنى داۋاملاشتۇردى.
ئالدىنقى ھەپتە بىر تۈركۈم شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشىنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، ئارقىدىن بۇ جايدا نامايىش قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ئۇلار نامايىش ئورنىنى يۆتكەپ، ئەييۇب سۇلتان جامىسىنىڭ ئالدىدا سۈرەت ۋە پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، نارازىلىق يۈرۈشى قىلغان. بۈگۈن نامايىشچىلار قايتىدىن ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، نامايىشىنى داۋاملاشتۇردى.
بۇلاردىن سىرت، بۈگۈن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىغا بىر تۈركۈم قازاق خەلقى يىغىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرىغا قامالغان ياكى ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ، نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
نۆۋەتتە خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نامايىشلار كۈچلۈك تەسىر قوزغاۋاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بارلىق دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشى ھەققىدىكى چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
مەنبە:
https://www.facebook.com/buerhan

https://www.facebook.com/profile.php?id=100010634950781

https://www.facebook.com/profile.php?id=100046785012608

بۇ خەۋەر 1297 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2021 19:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق