«شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان ماقالە خىتاينىڭ بىر قىسىم جىنايەتلىرىنى دەلىللىدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى بولغان ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» 4-فېۋرال «شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە توغرىسىدىكى يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى پاش قىلىدىغان پاكىتلار، ھەقىقىي ئەھۋاللار» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تۈرلۈك جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان. ھالبۇكى، ماقالىدىكى تەپسىلاتلار ئەكسىچە خىتاينىڭ بىر قىسىم جىنايەتلىرىنى دەلىللىگەن.

مەزكۇر ماقالىدە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، جازا لاگېرىغا قاماش، سۈرگۈن قىلىش، ئۆسمۈرلەرنى ئايرىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، مەسچىت-مازارلارنى ۋەيران قىلىش، دىنىي ئۆلىمالارغا زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىگە قارىتا ئاتالمىش 24 تۈرلۈك «رەددىيە» كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

ماقالىدە خىتاي كونا پەدىسى بويىچە بۇ جىنايەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ باياشات، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى، ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى، نوپۇسىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى، بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان. شۇنداقلا زۇمرەت داۋۇت، مېھرىگۈل تۇرسۇن قاتارلىق شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان.

ماقالىدە خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سۈرگۈن قىلىش جىنايىتىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 2018-يىلىدىن بۇيان 151 مىڭ كىشىنىڭ يۆتكەپ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى»نى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىنلار ۋە دەلىل-ئىسپاتلار ئاتالمىش «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»نىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىلانلىشى بىلەن مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. شۇنداقلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زور تۈركۈمدىكى خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يۇقىرى تەمىنات بىلەن يۆتكەپ كېلىنىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «نامراتلىقنى تۈگىتىش، يۆلەش» سىياسەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ساختىپەزلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ماقالىدە ئۆسمۈرلەرنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى قىلچە يوشۇرۇلمىغان بولۇپ، بۇ سىياسەتنىڭ 80-يىللاردىن تارتىپلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى، يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما بۇ جىنايىتىنى «زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، نامراتلارغا ياردەم بېرىش» نامىدا ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىمۇ ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، بىر مىليون 100 مىڭ (خىتاي) كادىرنىڭ بىر مىليون 600 مىڭ ئامما بىلەن «تۇغقانلاشتۇرۇلغان»لىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ كۆزىتىش كامېراسى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە باشقا پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى قوللىنىپ، خەلقنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى ئىنكار قىلىنمىغان بولۇپ، بۇلارنى قوللىنىشتىكى مەقسىتىنى «جىنايەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن پەردازلىغان.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ مەسچىتلەرنى چېقىش جىنايىتى ئىنكار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا قانچىلىك مەسچىت قالغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. پەقەت «شىنجاڭدىكى مەسچىتلەرنىڭ سانى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ» دېگەن مۈجمەل جۈملە بىلەن بولدى قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ماقالىدە ئۆز جىنايەتلىرىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى دەلىل-ئىسپاتسىزلا ئومۇميۈزلۈك ئىنكار قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، نۇرغۇن زىل مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرى سەۋەبلىك ئومۇميۈزلۈك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ خىل تەشۋىقات ماقالىلىرىنىڭ خەلقئارادا ئېتىبارغا ۋە ئېتىراپقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، پەقەت خىتاي ئىچىدىكى ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن كارغا كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1603 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2021 11:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق