«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى»نى خاتىرىلەش تور يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى

«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى»نى خاتىرىلەش تور يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى»نى خاتىرىلەش تور يىغىلىشى 5-فېۋرال كەچتە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلدى.
يىغىلىش شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتالغان قىرائەت بىلەن باشلاندى، ئارقىدىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، جەريانى ۋە نەتىجىسى ھەققىدە توختالدى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ باش ئەگمەس روھىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئۈلگە بولغان بۇ شېھىتلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە جاسارەت ئاتا قىلغانلىقىنى، جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلغاندىلا ئىززىتىنى قوغدىغىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇلارنىڭ پىداكارلىقلىرى ئارقىسىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
تور يىغىلىشى ئارىلىقىدا، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تەييارلىغان غۇلجا قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قىسقا فىلىم كۆرسىتىلدى.
ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرىپ تۈگىتىشكە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، ئەمما خەلقنىڭ قولىدا ھېچنېمە يوق تۇرۇپمۇ، خىتاينى شۇنچە قورقۇتۇۋاتقانلىقىنى، بۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چوقۇم خىتاينى قوغلاپ چىقىرالايدىغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى ئىكەنلىكىنى، خىتايغا قارشى ھەرىكەتنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ۋەكىلى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم سۆز قىلىپ، 5-فېۋرال قىرغىنچىلىقىغا 24 يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبىدە يەنىلا يېڭى بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىش، ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئارقىدىن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلىپ، خىتاي قارشى چىققان بىر بۆلۈك كىشىلەرنى يوقاتساملا، باشقا ئۇيغۇرلارنى قورقۇتالايمىز، دەپ خام خىيال قىلغان بولسىمۇ، بىراق شۇ دەۋرىدىكى شېھىتلەرنىڭ ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، بۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئارىلىقتا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى قۇرئان كۇرسى ئۆسمۈرلىرى تەييارلىغان قىسقا پىروگرامما كۆرسىتىلدى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي سۆز قىلىپ، 5-فېۋرال شېھىتلىرىنى مىسال كەلتۈرگەن ئاساستا، تەشكىلىي ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سىياسەتنىڭ قائىدىلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار سۆز قىلىپ، غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى رولى ۋە ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

بۇ خەۋەر 1090 قېتىم كۆرۈلدى
06/02/2021 19:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق