گوللاندىيەدە 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گوللاندىيەدە 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
5-فېۋرال گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى تەشكىللىگەن.
نامايىشقا قاتناشقان خەلق قوللىرىدا «خىتاي، لاگېرلارنى تاقا!»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «خىتاي، مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختات!»دېگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا قارشى شوئارلارنى توۋلىغان.
نامايىشتا گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى رەئىسى ئوبۇلقاسىم قارىم سۆز قىلىپ، 24 يىل بۇرۇن غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ھەققىدە قىسقىچە توختالغان ۋە نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى، ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ، ھەربىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆزىگە سوئال قويۇشى كېرەكلىكىنى، پەرزەنتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندا بارلىق دەپسەنچىلىكلەرنى سادىر قىلىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەممە يەردە سەرسان قىلغان خىتايغا قارشى تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، گوللاندىيەدىكى ئالتە تەشكىلاتنىڭ بىرلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان «گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى»نىڭ قۇرۇلۇش نىشاننىڭمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئاخىرىدا ئىتتىپاق رەھبەرلىرىدىن ئەيسا قارىم سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى قىرغىن قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىگەن.
نامايىش مەيدانىدا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىك، قىرغىن قىلىش، جازا لاگېرىغا قاماپ زىيانكەشلىك قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق جىنايەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر كۆرگەزمە قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 1024 قېتىم كۆرۈلدى
06/02/2021 16:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق