ئىستانبۇلدا 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

 خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن ئىستانبۇلدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان مەركەز يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم تەشكىلات ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ئاكىت قانىلى، قانال 5، ئىلكە خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق تاراتقۇ ئورگانلىرى قاتناشتى.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ئالدى بىلەن غۇلجا قىرغىنچىلىقى شېھىتلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ ئوقۇلغان قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ سۆزىدە 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، جەريانى ۋە نەتىجىسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ پاجىئەلىك كۈننىڭ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ ۋەقە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ باش ئەگمەس روھىنى ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي ساختىپەزلىك ئىكەنلىكىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى ۋە زۇلۇمىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە تېخىمۇ كۈچىيىپ، مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى، ئاياللارنىڭ ئاياغ-ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بالىلارنىڭ مەجبۇرىي يىغىۋېلىنىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ مەسىلىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن نۇرىددىن ئىزباسار ئۇلارغا خىتاب قىلىپ: «بىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە سىلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىڭلارنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشى ئەمەسمۇ؟! يەنە قاچانغىچە بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىسىلەر» دېدى.

ئاخىرىدا ئۇ تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى «جىنايەتلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمنامىسى» ھەققىدە توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ كېلىشىمنامىنى كۈنتەرتىپتىن قالدۇرۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا چاقىرىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز-ئاياللارنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشى مەسىلىسى بويىچە خىتاي ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ ھەقتە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دۆلەت باھچەلىنىمۇ بۇ ھەقتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

ئارقىدىن خەلقئارا كۆچمەنلەر ھوقۇقى جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى، ئادۋوكات ئىبراھىم ئەرگىن سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز جىنايەتلەرنى دۇنيادىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، خەلقئارالىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنىڭ سورىقىنى قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مائارىپ جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان قوشۇمچە قىلىپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئەرزلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، گەرچە كېيىن قويۇپ بېرىلسىمۇ، كىملىكىگە كود قويۇلۇشقا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ نىيىتىنى، ئەسلى يۈزىنى تونۇغان ھالدا، بۇ خىل مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستاندا ئىززەت-ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان قىز-ئاياللار ھەققىدە توختىلىپ: «بىر ئايال، بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان زۇلۇم ھەتتا پىرئەۋننىمۇ چۆچۈتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. شەرقىي تۈركىستاندا راستتىنلا زۇلۇم بارمۇ، دەپ سوراۋاتقانلارنى دەيدىغىنىم، بىزنىڭ تۈركىيەدە مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئۆزىلا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ ئىسپاتىدۇر» دېدى.

ئۇ يەنە تۈرك-ئىسلام دۇنياسىغا خىتاب قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستاندا بىر قېرىندىشىڭىز ئاياغ ئاستى قىلىنىۋاتسا، سىز بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق ھەرىكەتكە ئۆتمىسىڭىز، ئەركىن دۇنيادا قىلىۋاتقان ئىبادەتلىرىڭىز قانداقمۇ قوبۇل بولسۇن؟» دەپ تەكىتلىدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنىڭ يىللاردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭمۇ قىلچە باش ئەگمەستىن قارشىلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ كۈرەشنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى باش كاتىپى شەۋكەت ناسىر بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنىڭ يېڭىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئەمەسلىكىنى، نۆۋەتتە خىتاي تولۇق كونتروللۇقى ئاستىدىكى تاراتقۇ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا دۇنيادىكى، جۈملىدىن تۈركىيەدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلارغىمۇ زور دەرىجىدە مەبلەغ سېلىپ، تەسىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە خەلقىنىڭ بۇ مەسىلىگە ھوشيار مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1132 قېتىم كۆرۈلدى
05/02/2021 15:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق