فىنلاندىيە باش مىنىستىرى: خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ

فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مارىن 3-فېۋرال تىۋېتتېردا يازما يوللاپ: «خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرنى باستۇرۇش سىياسىتىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ» دېدى.
دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن بىرى بولغان ب ب س 2-فېۋرال خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارغا قامالغان قىز-ئاياللارغا قاراتقان باسقۇنچىلىق، جىنسىي پاراكەندىچىلىك، دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغاندىن كېيىن، فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مارىن تىۋىتتېر ھېساباتىدا: «خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ۋە مىللەتلەرنى باستۇرۇش سىياسىتىگە كۆز يۇمسا بولمايدۇ. سودا ياكى ئىقتىساد بۇ ۋەھشىيلىككە كۆز يۇمۇشقا سەۋەب بولالمايدۇ. ئىنسانىي ھوقۇق چوقۇم ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك مۇزاكىرىلەرنىڭ يادروسى بولۇشى كېرەك» دەپ يازغان.

بۇ خەۋەر 1461 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2021 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق