خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتمەكتە

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىشكە باشلىغان بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا سۇ ئاستى پاراخوتى مۇتەخەسسىسى سۇتتون (HI Sutton) يېقىندا «دېڭىز ئارمىيەسى خەۋەرلىرى» تورىدا بۇ توغرۇلۇق ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ ماقالىدە خىتاينىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرىتىنى ئاشكارىلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي يېڭى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ياساش ئۈچۈن مەخسۇس غايەت زور يېڭى دوك قۇرۇپ چىققان. مەزكۇر دوك بوخەي پاراخوت زاۋۇتىغا يېقىن جايدا بولۇپ، ھازىرغىچە تولۇق پۈتمىگەن.
ماقالىدە يېڭى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ تىپى ۋە دەرىجىسىنىڭ تېخى جەزملەشتۈرۈلمىگەنلىكى، ئەمما تۇنجى 095 تىپلىق ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتى ياكى تۇنجى 096 تىپلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇ ئاستى پاراخوتى بولۇشى مۇمكىنلىكى، يېڭى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنى كېڭەيتىش پىلانىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە دېڭىز رايونىدىكى زومىگەرلىك ھەرىكىتىنى داۋاملىق كۈچەيگەن بولۇپ، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1406 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2021 14:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق