ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەڭ يېڭى باياناتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «ئىنسانىيەتكە قارشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.
ئەنگلىيە نوپۇزلۇق تاراتقۇسى ب ب س نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت قىز-ئاياللىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سىستېمىلىق ئاياغ-ئاستى قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرى خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى نېد پىرايس (Ned Price) 3-فېۋرالدىكى باياناتىدا بۇ ھەقتە قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينى خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، ئاياللارنى ئاياغ-ئاستى قىلىش ھەققىدىكى ئەيىبلەشنى ۋە باشقا باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلىشقا چاقىرغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ ئۆتكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 3-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلارغا كۆز يۇمۇپ: «بۇ ب ب س نىڭ تۇنجى قېتىم يالغان خەۋەر تارقىتىشى ئەمەس. ئۇلارنىڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ يالغان ئۇچۇر تارقىتىدىغان "ئارتىسلار" ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى» دەپ بىلجىرلىغان.

بۇ خەۋەر 1292 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2021 14:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق