كۆك ئاي جەمئىيىتى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ جانلىق خىزمەت قىلماقتا

كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى 3-فېۋرال ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە نەق پۇل، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە كىيىم-كېچەك تارقىتىپ بەردى.
جەمئىيەت مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق ياردەمنى ئەنگلىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى تەمىنلىگەن بولۇپ، ئېھتىياجى بار ئائىلىلەرگە 100 كىشىلىك ئەدىيال، ئاياغ، قىشلىق چاپان، ئىشتان، 150 خالتا ئۇن، 150 قۇتا ياغ، 150 خالتا گۈرۈچ ۋە يېمەكلىك قاچىلانغان 150 يەشىك تارقىتىپ بېرىلگەن. بۇلاردىن سىرت 110 ئائىلىگە 860 لىرادىن نەق پۇل تارقىتىپ بېرىلگەن.
كۆك ئاي جەمئىيىتى ئالدىنقى ھەپتە يەنە Defacto زەنجىرسىمان كىيىم-كېچەك دۇكىنىنىڭ مال سېتىۋېلىش كارتىسىدىن 300 كىشىلىك تارقىتىپ بەرگەن.

كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى، تۈركىيەدىكى ياردەمگە ئېھتىياجى بار شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركىيەدىكى ۋە خەلقئارادىكى ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەقفىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىجتىمائىي ياردەم مەنبەسىنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكتە.

 

بۇ خەۋەر 2892 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2021 13:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
1 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق
Abdulla
ئاللاھ رازى بولسۇن قېرىنداشلىرىم بەك ياخشى خىزمەتلەرنى قىلىۋاتىسىلەر.