خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ب ب س خەۋەرلىرى تورى بۈگۈن چوڭ ھەجىملىك خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا سىستېمىلىق ئاياغ ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پەرىشان قىلغان بۇ خەۋەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى:

«بۈگۈن ئەنگلىيە تاراتقۇسى BBC تەرىپىدىن ئىنگلىزچە ئېلان قىلىنغان، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئايال مەھبۇسلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىنسانىيلىققا زىت زۇلۇملار ھەققىدىكى خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىلىدىغان ۋە ئەمما تىلغا ئېلىشتىن نومۇس قىلىدىغان رېئاللىقىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا ئاممىسىغا ئاشكارا قىلغان بولدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مۇستەملىكىچى رېجىمى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان ۋە ئۇلار ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىۋاتقان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ قولدىن كېتىشىدىن كېلىپ چىققان نەتىجە، دەپ قارايدۇ ۋە خەلقىمىزنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ۋە بۇ يولدىكى ئاخىرقى نىشاننىڭ مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىدە مۇستەھكەم تۇرۇشقا ۋە بۇ خىل زۇلۇم ۋە سىياسەتلەرگە قارشى ئۆز ئىمكانىيىتىگە كۆرە ئۈنۈملۈك ۋە توغرا ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدۇ. بىز خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئۆز ئەزالىرى ۋە تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارغا خاتىمە بېرىشنى نىشان قىلغان خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ بۇ خىزمەتلىرىمىزدە بىزنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىز خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى، ئىنسان ھەقلىرى كۆزەتكۈچىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز. جۈملىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سىياسەتتىكى ئىمتىيازى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىدىكى ئورنى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۈنتەرتىپتە مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان خىتاي-تۈركىيە ئارىسىدىكى ئاتالمىش "جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمنامىسى"نى رەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ ھەرقانداق بىر شەرقىي تۈركىستانلىققا مەيلى ئىنسانىي ھوقۇق نۇقتىسىدىن بولسۇن، مەيلى تۈركىيەنىڭ مىللىي قىممەت قاراشلىرى نۇقتىسىدىن بولسۇن، ئادىل ۋە ئىنسانىي مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى بىلىشىنى ئەسكەرتىمىز».

 

بۇ خەۋەر 1309 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2021 18:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق