خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا 17 كۈن خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ياكى ئىز-دېرىكى بولمىغان ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن نامايىش قىلغان بىر گۇرۇپپا ياشلار ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۇلارنى ئوچۇق-ئاشكارا تىز پۈكۈشكە تەكلىپ قىلىشىدىن ئىبارەت پەسكەش تەلىپىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئارقىدىن ئىستانبۇل ۋالىيلىقىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن خىتاي ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ياشلار ئون نەچچە كۈن ئىچىدىلا توپلانغان 5199 كىشىلىك ماتېرىيالنى خىتايغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن چىققان بولسىمۇ، كونسۇلخانا خادىملىرى ئىلگىرىكى سۆزىدىن يېنىۋېلىپ، ماتېرىياللىرىنى قوبۇل قىلمىغان ئىدى.

مەزكۇر ياشلار بۈگۈن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. نامايىشنىڭ باشلىنىشىدا ياشلار بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھەرگىز بۇ يەردىن كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ، كونسۇلخانا ئالدىدىن ئايرىلمىدى.

باشتىن-ئاخىر نامايىش مەيدانىدا بولغان ئەنقەرەدىكى مۇخبىرىمىز سالاھىدىن كاشىغەرلى نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرى بىلەن بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

بۇ خەۋەر 1467 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2021 16:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق