ئىستىقلال ئايلىق ژۇرنىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىدى

ئىستىقلال ئايلىق ژۇرنىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىدى
شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى ئىستىقلال بۆلۈمى ھەر ئايدا تۆت خىل تىلدا ئاخبارات ژۇرنىلى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، پەقەت ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى تارقىتىلغان ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەرگە، ئاخبارات خادىملىرىغا تېخىمۇ قولاي تەرىقىدە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، جەمئىيىتىمىز بۇ ئايدىن باشلاپ «شەرقىي تۈركىستان رېئاللىقى» (Doğu Türkistan Gerçeği) ناملىق تۈركچە ئايلىق ئاخبارات ژۇرنىلىمىزنىڭ باسما نۇسخىسىنى نەشر قىلىشقا باشلىدۇق.
نۆۋەتتە مەزكۇر ژۇرنىلىمىزنىڭ تۇنجى سان باسما نۇسخىسى بىر قىسىم مۇشتەرىلەرگە ئەۋەتىلىشكە باشلىدى. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تۈرك دۇنياسىغا تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا تونۇشتۇرۇشقا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن، ژۇرنىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇشىڭىزنى، ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە تەۋسىيە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

ىشەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى

ئالاقىلىشىش نومۇرى: 

0905417977700

0905538951933

 

بۇ خەۋەر 1002 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2021 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق