مايۈن خىتاي ئورگان گېزىتىنىڭ شىركەت لىدىرلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلدى

خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان شاڭخەي ئاكسىيە گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەلىبابا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۈن شىركەت لىدىرلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شاڭخەي ئاكسىيە گېزىتىنىڭ بۇ سانىدا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ رېن جېڭفېي، شياۋمى شىركىتىنىڭ لىدىرى لېي جۈن ۋە تېڭشۈن شىركىتىنىڭ لىدىرى ما خۇاتېڭ قاتارلىق شىركەت قۇرغۇچىلىرى تىلغا ئېلىنىپ، ئالاھىدە ماختالغان. ئەمما ئۈچ ئايدىن بېرى ئىز-دېرىكى بولمىغان مايۈننىڭ ئىسمى بۇ تىزىملىكتىن قالدۇرۇپ قويۇلغان.
مايۈن بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق يىغىلىشتا خىتاينىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ مايۈن ئاممىۋى سورۇنلاردا قايتا كۆرۈنمىگەن. ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەلىبابا شىركىتىگە قاراشلىق چۈمۈلە پۇل-مۇئامىلە گۇرۇھىنى شى جىنپىڭ بىر قوللۇق توختاتقان بولۇپ، شىركەت بۆلۈنۈش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. خىتاي نۆۋەتتە مايۈنگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىنمۇ ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 1485 قېتىم كۆرۈلدى
02/02/2021 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق