ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بەش كۆز ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى ياپونىيە بىلەن ھەمكارلاشتى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ 5G تورى تېخنىكىسىغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە بەش كۆز ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى پىلانلىغان.
مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى ياپونىيە يومىئۇرى خەۋەرلىرىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن 5G ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كانادا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە قاتارلىق «بەش كۆز ئىتتىپاقى» ئەزالىرى ۋە ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارشى ئىتتىپاق قۇرۇپ، 5G تورى تەتقىقاتىدا يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈشنى پىلانلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 5G تورى تەتقىقاتى ۋە ئەسلىھەلەرنى تەمىنلەش تورىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن «دۆلەت ھالقىغان خەۋەرلىشىش بىخەتەرلىك فوندى» قۇرۇپ چىقىدىكەن. ئالدىنقى ئاينىڭ بېشىدا ماقۇللانغان 2021-مالىيە يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ھوقۇق قانۇنىدىمۇ بۇ پىلان ئېنىق تىلغا ئېلىنغان. بۇ فوندىنىڭ ئومۇمىي مەبلىغى تېخى مۇزاكىرە قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا پارلامېنتى بۇ فوندنىڭ 500 مىليون دوللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، ئىشلىتىش مۇددىتىنىڭ ئون يىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ فوندىنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارك ۋارنېر (Mark Warner)بولۇپ، 5G تورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تېخنىكىلىق ساھەدە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى، ياپونىيەنىڭ بولسا سىمسىز خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ باشلامچىسى، شۇنداقلا فوند قۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم شېرىكلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەنگلىيە ئىقتىساد مۆلچەرى ۋە سودا مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى ئومدىيانىڭ (Omdia) ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە خۇاۋېينىڭ 5G تورى ئىستانسىلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتى %33 بولۇپ، بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.

بۇ خەۋەر 1021 قېتىم كۆرۈلدى
02/02/2021 12:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق