خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

1-فېۋرال خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ گۈيشياڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.
شۈ گۈيشياڭ سۆزىدە ئامېرىكا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە قارىسىغا سۆزلىگەنلىكىنى، قارا چاپلىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، بۇ ئورۇنلارنىڭ مەكتەپ ئىكەنلىكىنى جار سالغان.
يىغىندا مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەشۋىقات تەرىقىسىدە ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي مەنىدىكى توسالغۇسىز زىيارەتتە بولۇشىغا يول قويىدىغان-قويمايدىغانلىقىنى سورىغان. شۈ گۈيشياڭ سوئالغا ئەگىتىپ جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما ھەر قانداق «جىنايەت بېكىتىش خاراكتېرىنى ئالغان تەكشۈرۈش»نى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىلەن ئاتالمىش «شىنجاڭ زىيارىتى»گە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئالاقە ئورنىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە بىر نەچچە قېتىم ئىپادە بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا چەت ئەل ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلىشتىن قارشى ئېلىشقا ئۆتكەن. ئەمما ھەرقېتىمدا «جىنايەت بېكىتىش خاراكتېرىنى ئالغان تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى»دىن ئىبارەت تەييارلانغان ئوخشاش جاۋابنى بېرىپ، بۇ زىيارەتنىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى چەكلىك «زىيارەت» ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 976 قېتىم كۆرۈلدى
02/02/2021 12:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق