ئىرقىي قىرغىنچىلىق جاۋابكارى سىياسىي ئۆزگىرىشتە نەزەربەند قىلىندى

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېرما ھەربىي دائىرىلىرى بۈگۈن تۇيۇقسىز سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان بولۇپ، دۆلەت رەھبىرى ئاڭسان سۇكى نەزەربەند قىلىنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ھوقۇق ھەربىي تەرەپكە يۆتكەلگەن بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە بىر يىللىق جىددىي ھالەت يولغا قويۇلغان. بۇ ھەرىكەت ھەربىي دائىرىلەرنىڭ ئۆتكەن يىلى نويابىردا سايلىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان خەلق دېموكراتىيە ئىتتىپاقىغا قارشى ھەرىكىتىنىڭ داۋامى، دەپ قارالغان بولۇپ، ئاڭسان سۇكىدىن باشقا، پىرېزىدېنت ۋىن مىيىنت ۋە بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارمۇ ھەربىي خادىملار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بېرما ئارمىيەسى بۈگۈن تېلېۋىزىيە ئارقىلىق ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى مىن ئاڭ لەينىڭ دۆلەتنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ «ئالدامچىلىققا تاقابىل تۇرۇش» ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەلق دېموكراتىيە ئىتتىپاقى ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۈگۈن ۋەزىپىگە ئولتۇرماقچى ئىكەن. ھەربىي تەرەپنىڭ باياناتچىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، كېلەر يىلى ئادىل سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، ھوقۇقنىڭ كېيىن ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە بىر قىسىم ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ كۆچمە تورى ۋە تېلېفون مۇلازىمىتى ئۈزۈۋېتىلگەن.
ب ب س نىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا مۇخبىرى جوناتان بۇ ھەقتىكى تەھلىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئارمىيە ئالدىنقى ھەپتە پەقەت ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، بۇ ۋەقە تاشقى سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. گەرچە ئارمىيەنىڭ كۈچى زور بولسىمۇ، ئەمما ئاڭسان سۇكى قاتارلىق سىياسىي رەھبەرلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش يەنىلا ئىنتايىن خەتەرلىك ھەرىكەت بولۇپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىشى مۇمكىن» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بېرما ئۆتكەن يىلى نويابىردا چوڭ سايلام ئۆتكۈزگەن. ئاڭسان سۇكى رەھبەرلىكىدىكى خەلق دېموكراتىيە ئىتتىپاقى تەخمىنەن %83 ئاۋازغا ئېرىشكەن ۋە ئاڭسان سۇكى داۋاملىق دۆلەت مەسلىھەتچىسى بولماقچى بولغان. ئارمىيەنى قوللايدىغان فېدېراتىپ ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 476 ئورۇننىڭ ئاران 33 گە ئېرىشكەن. ئارمىيە تەرەپ سايلامدا ئالدامچىلىق بار، دەپ قاراپ، يەرلىك سايلام كومىتېتىغا سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، بىراق رەت قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 1043 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2021 19:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق