ئاشكارىلىنىۋاتقان سىنلار خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىنى ئىنكار قىلماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر پەيتتە، خىتاي تاراتقۇلىرى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن سىنلارنى كۆپلەپ تارقاتماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن، خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى داۋراڭ سالماقتا. ئەمما ئاشكارىلىنىۋاتقان سىنلار ئەھۋالنىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر مەھەللىدە ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەر-ئاياللىرىنىڭ كەچ ۋاقتى چوڭ يىغىن زالىدا خىتايچە ئۆگىنىۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندا مەھەللە قورۇسىغا رەتلىك تىزىلغان كىشىلەرنىڭ قىزىل ناخشا ئېيتىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندا بولسا بەش-ئالتە كىشىنىڭ بىر گۇرۇپپا بولۇپ، خىتايچە سۆزلۈك يادلاپ يېزىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ھەركۈنى دېگۈدەك ئاشكارىلىنىۋاتقان سىنلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ كېچە-كۈندۈز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1605 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2021 19:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق