خىتاي ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭلۇقلار ئۈچۈن چىقارغان پاسپورتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يېڭى قارار جاكارلاپ، 31-يانۋاردىن باشلاپ خىتاينىڭ ئەنگلىيە پۇقرالىق چەت ئەل پاسپورتىنى (BNO) كۈچكە ئىگە ساياھەت ھۆججىتى ۋە كىملىك ھۆججىتى دەپ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جاۋ لىجيەن سۆزىدە:«گەرچە خوڭكوڭ خىتايغا قوشۇلغىلى 24 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەنگلىيە زور تۈركۈمدىكى خوڭكوڭ پۇقرالىرىنى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەنگلىيە پۇقراسىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان مەزكۇر پاسپورت سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ۋەدىسىنى ئاشكارا بۇزدى» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 350 مىڭغا يېقىن خوڭكوڭ پۇقراسى ئەنگلىيەنىڭ بۇ پاسپورتىغا ئىگە بولۇپ، يەنە ئۈچ مىليونغا يېقىن خوڭكوڭلۇق بۇ پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنالايدىكەن. ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ يېڭى قارارىغا ئاساسەن، بۇ پاسپورتقا ئىگە كىشىلەر ئەنگلىيەدە ئولتۇراقلىشىش، خىزمەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدىغان بولۇپ، بەش يىلدىن كېيىن گىراژدانلىققا ئىلتىماس سۇنالايدىكەن.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون 29-يانۋاردىكى باياناتىدا: «مەن بۇ پاسپورتقا ئىگە بولغان خوڭكوڭلۇقلارغا دۆلىتىمىزدە ياشاش، ئىشلەش ۋە ئائىلە قۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان بۇ يېڭى يولنى ئاچقانلىقىمىزدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن» دېگەن.

بۇ خەۋەر 843 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2021 18:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق