دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى خىتايدىكى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى

خىتاي ۋىرۇسى مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ بارغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ۋىرۇسنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارالغان ۋۇخەندىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ۋۇخەنگە بېرىپ، خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە ئىككى ھەپتە كارانتىنغا ئېلىنغان. كارانتىن مۇددىتى توشقان مۇتەخەسسىسلەر ئالدى بىلەن ۋۇخەندىكى تۇنجى ۋىرۇس بىمارلىرى داۋالانغان دوختۇرخانىنى زىيارەت قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى ۋىرۇسنىڭ باشلىنىشىدا يۈز بەرگەن بىخەستەلىكلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ تەكشۈرۈش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان. ئەمما دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھەقتە تىۋىتتېر ئارقىلىق تەكشۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تارقاتقان.
يۇقۇمغا ئايلانغان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تۇنجى يۇقۇملانغۇچىلىرى 2019-يىلى ۋۇخەن شەھىرىدە بايقالغان بولۇپ، بەزى تەتقىقاتچىلار «SARS-CoV-2» دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى تىپتىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ خۇانەن بېلىق بازىرىدىكى شەپەرەڭلەردىن ئىنسانلارغا تارقالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقتىمۇ، قايسى ھايۋاننىڭ ۋىرۇسنىڭ ئىنسانلارغا تارقىلىشىدا رول ئوينايدىغانلىقى تېخى نامەلۇم بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىكى تەتقىقاتىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب تېپىشى مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 822 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2021 18:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق