5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 24-يىلىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشىدە 5-فېۋرال ئىستانبۇل ۋاقتى سائەت 11:00 دە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى 1997-يىلى قەدىر كېچىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىش، كەمسىتىش قىلمىشلىرىغا تىنچ شەكىلدە نارازىلىق بىلدۈرگەن نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر خىتاينىڭ قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېغىر ۋە يېنىك تىپتىكى قوراللار بىلەن قىرىپ تاشلانغان، نەچچە مىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان.
بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 5-فېۋرال قىرغىنچىلىقى ۋە شېھىتلەر خاتىرىلىنىدۇ، شۇنداقلا خىتاينىڭ نۆۋەتتە سادىر قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك يىغىنغا پەقەت ھەرقايسى تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرىلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. يىغىننىڭ تەپسىلاتى نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ.

بۇ خەۋەر 998 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2021 14:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق