ئورتاق سادا: نۇرسىمانگۈل يالغۇز ئەمەس

ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ھاقارەت ۋە تۆھمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دوغۇ پېرىنچەك 29-يانۋار ئىيى پارتىيەسى ھەپتىلىك يىغىنى سەھنىسىدە، خىتاي تەرىپىدىن بىگۇناھ تۇتۇلۇپ، 18 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئاتا-ئانىسى ھەققىدىكى تەسىرلىك نۇتۇقى ئارقىلىق كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت خانىمنى «ئەل قائىدە، دائىش، فەتھۇللاھ تەشكىلاتى ئەزاسى، تېررورچى» دەپ تۆھمەت چاپلاپ، قاتتىق ئەيىبلەشكە دۇچ كەلدى.
بۇ ھەقتە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «كاندېل تېغىدىكى پ ك ك تېررورچى باشلامچىسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئايلىنىپ يۈرگەنلەرنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى 18 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئۈچۈن سېغىنىش ۋە ئازاب ئىچىدە دەردىنى ئېيتقان نۇرسىمانگۈلنى تېررورچى دېگەن ئەخلاقسىزنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن» دېگەن ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا «نۇرسىمانگۈل ئىگە-چاقىسىز ئەمەس» دېگەن ھەشتەگ پائالىيىتىنى باشلىغان. شۇنداقلا زۆرۈر تېپىلغاندا قانۇنىي ۋە ماددىي ياردەم سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇندىن باشقا ئادۋوكات، دوكتور ئىلياس دوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدا نۇرسىمانگۈلگە تۆھمەت قىلغان دوغۇ پېرىنچەككە قارشى زۆرۈر بولغان قانۇنىي تەشەببۇسلارنى قوزغىغانلىقىنى، ھېچقانداق ئادالەتسىزلىكنىڭ سوراقسىز قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1268 قېتىم كۆرۈلدى
30/01/2021 22:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق