تۈركىيەدىن رۇسىيە ۋە خىتايغا بور ئېكسپورت قىلىدىغان تۇنجى پويىز ئەنقەرەدىن يولغا چىقتى

تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 29-يانۋار باكۇ-تىبلىس-كارس يولى ئارقىلىق رۇسىيەگە بارىدىغان تۇنجى ئېكسپورت پويىزى بىلەن خىتايغا بارىدىغان بور ئېكسپورت پويىزىنى ئۇزىتىش مۇراسىمى ئەنقەرەنىڭ گاردا ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمغا ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز بىلەن قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى قارائىسمائىل ئوغلى قاتناشقان.
فاتىھ دۆنمەز مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ مۇھىم كان بايلىقى ئېكسپورتلىرىدىن بىرىنىڭ بور ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە 2020-يىلىدا بىر مىليون 73 مىڭ توننا بور ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق، دۇنيا بور سودىسىدا رەھبەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى ۋە يەرشارى ئېھتىياجىنىڭ %57 نى قاندۇردى» دېگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدا تۈركىيەنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، بۇ قېتىم تۈركىيەدىن تۆمۈر يول ئارقىلىق خىتايغا تۇنجى قېتىم بور ئېكسپورت قىلغانلىقىنى، پويىزنىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئەسكىشەھەردىكى كىركادىن خىتاينىڭ شىئەنگە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بور مەھسۇلاتلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر پويىز تۈركىيەدىن خىتايغا بارغۇچە جەمئىي 7792 كىلومېتىر يول يۈرىدىغان بولۇپ، دېڭىز يولى بىلەن تەخمىنەن 45-65 كۈن ئارىسىدا بارىدىغان ماللار، بۇندىن كېيىن تۆمۈر يول ئارقىلىق 15-20 كۈن ئىچىدە بېرىپ بولىدىكەن.

بۇ خەۋەر 880 قېتىم كۆرۈلدى
30/01/2021 21:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق