چېخ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى خىتاي شىركەتلىرىدىن يىراق تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى مەزگىللەردە G5 تورى قۇرۇلۇشىدا خىتاي تېلېگراف شىركىتىنى تاللاشتىن چىقىرىۋەتكەن چېخ جۇمھۇرىيىتى يەنە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا خېرىدار چاقىرىش مەسىلىسىدىمۇ خىتاي شىركەتلىرىدىن خېرىدار قوبۇل قىلىشنى چەكلىگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە ، چېخ جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى چارشەنبە 1200 مېگاۋاتلىق يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا خېرىدار چاقىرىش مەسىلىسىدە، خىتاي شىركەتلىرىنى قوبۇل قىلماسلىق قارارىدا بىرلىككە كەلگەن. بۇنىڭ سەۋەبى چېخنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرى چېخنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. خىتاينىڭ چېختىكى باش ئەلچىخانىسى ئورگان تور بېتىدە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «خىتاي چېخنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۇقۇمىنى ئومۇملاشتۇرۇۋېتىشىغا ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ چېخ بازىرىغا كىرىشىگە سۈنئىي توساق قويۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇكوۋانىي يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇش تۈرى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ مەبلەغ تۈرى بولۇپ، قىممىتى نەچچە مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. خىتاي مەزكۇر يادرو ئېنېرگىيەسى قۇرۇلۇش تۈرىدە فىرانسىيە، كورېيە، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە شىركەتلىرى بىلەن رىقابەتكە چۈشكەن. نۆۋەتتە چېخ ھۆكۈمىتى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پىرىنسىپ جەھەتتىن خېرىدار چاقىرىشقا قاتنىشىشىنى رەت قىلغان، ئەمما رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى رەت قىلمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 2018-يىلى، چېخ تور بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ ئىشلەپچىقارغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەردە ئىشلىتىلىشىنى چەكلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا چېخ پالاتا باشلىقىنىڭ ئۆتكەن يىلى تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىمۇ خىتاينى غەزەپلەندۈرگەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، تەيۋەن بىلەن چېخ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىدا كۈنسېرى يېقىنلىشىشقا باشلىغان.

بۇ خەۋەر 827 قېتىم كۆرۈلدى
30/01/2021 20:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق