ئەھمەد داۋۇتئوغلى كونيادىكى ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى

8-يانۋار كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلى تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.
كونيادىكى ئۇيغۇرلار ئەھمەد داۋۇتئوغلى ۋە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ باشقا رەھبەرلىرىنى ئۇيغۇر بىناسى زالىدا كۈتۈۋالدى. سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى كونيا شۆبىسى رەئىسى ئابدۇلئەھەت ئۇدۇن ئەھمەد داۋۇتئوغلىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش، سەۋەبسىز لاگېرغا سولاش، زىيانكەشلىك قىلىش، خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتى.

ئەھمەد داۋۇتئوغلى سۆز قىلىپ: «ھەممىمىزنىڭ ئەسلى يۇرتى شەرقىي تۈركىستان ئىدى. ئۇيەردىكى تۇرپان، خوتەن، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى بۈگۈنكى ئازراق ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ ئۇنتۇپ قالغانلار بولۇشى مۇمكىن. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە قارشى چىقماي سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلار بار، ئەمما مەن ھەر دائىم سىلەرنىڭ تەرىپىڭلاردا تۇرىمەن. ھەرگىزمۇ ئۆزۈڭلارنى يالغۇز ھېس قىلماسلىقىڭلار كېرەك» دېدى. 

سۆھبەت جەريانىدا ئابدۇلئەھەت ئۇدۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرى يېزىلىپ تەييارلانغان ئالتە ماددىلىق تەلەپنى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەييارلىغان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى چۈشەندۈرۈلگەن دوكلاتنى ئەھمەد داۋۇتئوغلىغا سۇندى، شۇنداقلا يەنە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يازغان «ئاسارەتتىكى شەرقىي تۈركىستان» دېگەن كىتابنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلدى.

 

بۇ خەۋەر 1186 قېتىم كۆرۈلدى
30/01/2021 20:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق