ياپونىيە خىتاينى خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى توشىمىتسۇ موتېگى 29-يانۋار خىتاينى دېڭىز مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ قورال ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان.
ئالدىنقى جۈمە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى «خىتاي دېڭىز ساقچىلىرى قانۇنى»نى ماقۇللاپ، خىتاي دېڭىز ساقچىلىرىغا قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى بەرگەن ئىدى. توشىمىتسۇ موتېگى بۇ ھەقتە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ياپونىيە تەرەپ خىتاي دېڭىز مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ھەرىكىتىگە داۋاملىق دىققەت قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي چىقارغان يېڭى قانۇن خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدىكى زېمىن ماجىراسىغا يېڭى خەتەر ئېلىپ كەلگەن. خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ياپونىيەنىڭ باشقۇرۇشىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان بولۇپ، يېقىندا ھەر ئىككى تەرەپ بۇ رايوندا چارلاشنى كۈچەيتكەن. خىتاينىڭ بۇ قانۇننى يولغا قويۇشى دېڭىز رايونىدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن دېڭىز تەۋەلىكىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان فىلىپپىن ئىككى كۈن ئىلگىرى فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينىڭ بۇ يېڭى قانۇنىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئەستايىدىل ئويلىنىشتىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ قانۇنىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش قارارىغا كەلدىم» دېگەن.

بۇ خەۋەر 937 قېتىم كۆرۈلدى
30/01/2021 19:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق