شەرقىي تۈركىستان خەلقى قىشمۇ-ياز ھاشارغا سېلىنماقتا

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاشار سىياسىتىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم يېزىسىدا ياش، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردىن تەركىپ تاپقان خەلقىمىز قۇرۇپ كەتكەن دەرەخ شاخلىرىنى بىر تەرەپتىن كېسىپ يەنە بىر تەرەپتىن كۆيدۈرىۋاتقانلىقى، ھاشارغا ئەتتىگەن چىققانلارنىڭ ئاخشام قاراڭغۇ چۈشكىچە ئىشلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرىغا قاماشتىن سىرت، لاگېر ئىچى-سىرتىدىكى خەلقىمىزنى تۈركۈملەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بۇلاردىن سىرت دېھقان-چارۋىچىلارمۇ تۈرلۈك ھاشارلارغا سېلىنىپ، نورمال ھايات كەچۈرۈشى قىيىنلاشماقتا.

بۇ خەۋەر 1580 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2021 20:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق