خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئامېرىكىغا قىلغان ئېكىسپورتى ئىككى ھەسسە ئاشتى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئامېرىكىغا ئېكىسپورتى ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنىڭ رايوندا پائالىيەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرگە ئېلىپ كەلگەن جازالارغا قارىماستىن 2020- يىلغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېكسپورتنىڭ كۆپىيىشى رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان شامال تۇربىنلىرىنىڭ سېتىلىشىدىن كەلگەن. ئۆتكەن يىلى ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارى 2019-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 116 ئاشقان بولسا ، شامال تۇربىنىسىنىڭ ئېكىسپورتى%3265 ئاشقان.
ئامېرىكا پارلامېنتى 2020- يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چىقارغان قارارلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنغانلىق سەۋەبى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرىگە ئېكسپورت چەكلىمىسى قويغان. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى شەرقىي تۈركىستاندىن پاختا ۋە پەمىدۇر ئىمپورتىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى ۋە پورتلاردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تۇتۇپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 813 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2021 20:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق