فىلىپپىن خىتاي بىلەن تۈزگەن 10 مىليارد دوللارلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى بىكار قىلدى

فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن خىتاي خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ 10 مىليارد دوللارلىق ئايرودروم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش تۈرى كېلىشىمىنى بىكار قىلدى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، فىلىپپىننىڭ كاۋىتې ئۆلكىسى 10 مىليارد دوللارلىق ئايرودۇرۇمنى يېڭىلاش قۇرۇلۇش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولۇپ، بۇ فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتې ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە خىتاي شىركەتلىرى قاتناشقان ئەڭ چوڭ تۈرلەرنىڭ بىرى ئىكەن. دۇتېرتې 2016-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلگەن. خىتاي خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشى 8-ئايدا ئامېرىكا تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن، ئەمما فىلىپپىن دائىرىلىرى مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئامېرىكا ئېلان قىلغان قارا تىزىملىك بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئېيتقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىننىڭ كاۋىتې ئۆلكىسى 10 مىليارد دوللارلىق ئايرودروم رېمونت قىلىش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بۇ قۇرۇلۇش تۈرى 2019-يىلى بېكىتىلگەن بولۇپ، خىتاي خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇش شىركىتى بىلەن فىلىپپىن شىركىتى ماكرو ئاسىيا MacroAsia خېرىدار چاقىرىشتا غەلىبە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن كاۋىتې ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، سانگلېي ئايرودۇرۇمى يېڭىلاشنى قارار قىلغان. كاۋىتېنىڭ ۋالىيسى خۇانىتو ۋېكتور رېمۇللا گەۋدىنىڭ ھۆججەتلىرىدە «ئۈچ-تۆت ئورۇندا يېتەرسىزلىك بار» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇش شىركىتى ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئامېرىكا قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگوسى كۆپلىگەن ساھەدە كۈچىنى كۆرسەتمەكتە.

بۇ خەۋەر 853 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2021 19:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق