شەرقىي تۈركىستاندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق» دېگەن ئەمەلدار مەسخىرىگە قالدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 28-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق» دېگەن خوڭكوڭ ئەمەلدارى قاتتىق مەسخىرىگە قالغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينى قوللايدىغان خوڭكوڭ ئەمەلدارى يې ليۇ شۇيى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى تىۋىتتېر ھېساباتىدا «دىلرەباغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئايال چولپىنىنىڭ بولۇشى شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، نەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقكەن!» دەپ يازغان.
ئەمەلدارنىڭ بۇ خىل بىلجىرلاشلىرى تور دۇنياسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاپ ھەممە كىشنىڭ مەسخىرىسىگە قالغان. بىر قىسىم تورداشلار «يې ليۇ شۇينىڭ تۋىتتېردا بۇ ئۇچۇرنى يوللىشى ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ جايىدا ئەمەسلىكىنىڭ ئالامىتى» دەپ مەسخىرە قىلغان. بىر قىسىم تورداشلار «يې ليۇ شۇي ئىمتىھاندىن كۆچۈرۈپ ئۆتكەن. ئۇ مۇشۇ ئەقلى بىلەن ئامېرىكا ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشەلىشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ مەسخىرە قىلغان. نۇرغۇن كىشىلەر «يې ليۇ شۇينىڭ سۆزىدە لوگىكىلىق خاتالىق بار. بىر مىللەتتە بىر ئۇيغۇر ئايال چولپاننىڭ بولغانلىقى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قىرغىن قىلىنمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ» دېگەن. بىر قىسىم تورداشلار «خىتاي كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ يۈرگەن نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، يەنىلا ھايات قالغان كىشىلەر بار، ئۇنداقتا نەنجىڭدا قىرغىنچىلىق بولمىغانمۇ؟ »دەپ مەسخىرە قىلغان. تورداشلار ئىنكاسلىرىدا يەنە، ناتسىست گېرمانىيەسىنى مىسال قىلىپ، قىرغىنچىلىقتىن ھايات قالغان يەنىلا بىر قانچە يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ بارلىقىنى، ئەمما بۇ ئەھۋال يەھۇدىيلارنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1779 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2021 19:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق