خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت سائادەت پارتىيەسى مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

بۈگۈن 28 – يانۋار خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا بىر قانچە تەشكىلات رەھبەرلىرى، شۇنداقلا قېرىنداش تەشكىلاتلاردىن ياشلار جەمئىيىتى، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت سائادەت پارتىيەسىنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ سىياسىي پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى، ھەمدە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلدى.

ھەيئەتنى سائادەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا كايا، سائادەت پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى ئۆمەر فارۇق يازىجى ۋە مۇدىرىيەت ئەزالىرى پارتىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەركىزىدە كۈتۈۋالدى.
ھەيئەت سۆھبەت جەريانىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق دۆلەت تېررورلۇقىنى تونۇشتۇردى.
ھەيئەت يەنە، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، نۆۋەتتە تۈركىيەدە كۈنتەرتىپكە كەلگەن خىتاي-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمنامىسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىنماسلىقى ئۈچۈن خەلق رايىنى قوزغىتىش مەسىلىسى، تۈركىيەدىكى خەلقىمىزگە ئومۇمىيۈزلۈك ۋەتەنداشلىق بېرىش مەسىلىسى، ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسى قاتارلىق ھەرخىل تېمىلار ھەققىدە سۆھبەت ھەمدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

 

بۇ خەۋەر 1032 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2021 18:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق