ئۇيغۇر ناۋايلارمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن قۇتۇلالمىدى

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان بىر سىن يشەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ناۋايلارنىڭمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم شەھىرىگە قۇرۇلغان بۇ زاۋۇتتا 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىشلەيدىغان بولۇپ، بىر تونۇرغا ئىككىدىن كىشى مەسئۇل بولغان. زاۋۇتنىڭ ئۈستى قەۋىتى ئەينەك بولۇپ ئىشلەۋاتقان ناۋايلار ئىزچىل كۆزىتىلىپ تۇرىدىكەن. سىنغا يېزىلغان ئېنىقلىمىدا، بۇ يەردە يېقىلغان نانلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى دېھقانلارنىڭ يەر زېمىنلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خەلقىنى ئۆز زېمىنىدا قۇل بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرلىدى، ياشلارنى ئاتالمىش ھۈنەر ئۆگۈتۈش باھانىسى بىلەن خىتاي زاۋۇتلىرىدا قۇل ئورنىدا ئىشلەتتى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇر ناۋايلارنى نان يېقىش زاۋۇتىغا يىغىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا.

بۇ خەۋەر 1598 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2021 18:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق