تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى

تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ئەسكى شەھەر مىللەت ۋەكىلى ئۇتكۇ چاكىر ئۆزەر خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.
ئۇتكۇ چاكىر ئۆزەر خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمنامىسى»نىڭ تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئۇ سۆزىدە: «خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمنامىسى ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا سەۋەپ بولسا، بۇ كېلىشىمنامىنى مەجلىسكە ئەكىرمەڭلار» دېدى.
ئۇ يەنە :« خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ياخشى بولىدۇ، ئىقتىسادى ياردەم ئالىمىز دەپ يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتىلغان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش بۇ مەجلىسكە ياراشمايدۇ. جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمنامىسى تۈركىيەدە پاناھلانغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى قۇربان قىلىشقا ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك. ئەگەر تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان، ھېچقانداق بىر جىنايەت بىلەن ئالاقىسى بولمىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزسە بۇ كېلىشىمنامە تەستىقلانماسلىقى ياكى كېچىكتۈرۈلۈشى كېرەك. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كىملىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئاساسى ھەق ۋە ئەركىنلىكتىن تەڭ بەھىرلىنىشى كېرەك» دېدى.

بۇ خەۋەر 1082 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2021 18:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق