شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىر كۈنلۈك ھېيتى تەشۋىش ئىچىدە ئۆتتى

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىر كۈنلۈك ھېيتى تەشۋىش ئىچىدە ئۆتتى

10-ئىيۇن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە،
خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ھېيت كۈنلىرىدىمۇ ئارامچىلىق بەرمىگەن.
گەرچە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بىر كۈنلۈك ھېيتلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي دائىرىلىرى ھېيت كۈنىدە خەلقنى مەھەللە كومىتېتى ۋە كەنتلەرگە يىغىۋېلىپ ئارامچىلىق بەرمىگەن. خەلق دەككە-دۈككە ئىچىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئۆزئارا ھېيتلىشالمىغان، ھەتتا ھېيتلىرىنى تەبرىكلىشەلمىگەن.
ھېيت مەزگىلىدە خەلق يەنە كەنت ۋە مەھەللە كومىتېتلىرىغا چاقىرتىلىپ، «كوممۇنىزم ياخشى، شى جىنپىڭ ياخشى» دېگەن قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىشقا مەجبۇرلانغان. بىر قىسىم كەنتلەردىكى خىتاينىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى ۋە ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» خىتايلار خەلقنىڭ ئۆيىنى ھاراق سورۇنىغا ئايلاندۇرۇۋالغان.

مەنبە:https://twitter.com/0715Rita/status/1137323976999559168?s=08

https://twitter.com/0715Rita

بۇ خەۋەر 2068 قېتىم كۆرۈلدى
11/06/2019 16:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق