ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا بىگۇناھ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئائىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئۇدا 17 كۈن تۇرغان بىر گۇرۇپ ياشلار، خىتاينىڭ پەسكەش تەلەپلىرىگە ئۇچرىغان ئىدى ۋە كۈنسىرى كۈچەيگەن نارازىلىقلارنىڭ كەينىدىن خىتاي ئاخىرى ئۇلارنىڭ ماتىرىياللىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ھۆججەت شەكلىدە ئەكىلىپ تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. 14 – يانۋاردىن 27 – يانۋارغىچە بولغان 13 كۈنلۈك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خەلقىمىزدىن كەلگەن 5199 كىشىنىڭ ماتېرىيالى يىغىلغان بولۇپ، بۈگۈن مەزكۇر ياشلار بۇ ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي كونسۇلخانىسىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ كونسۇلخانا خادىملىرى بۇ ئىلتىماسلارنى قوبۇل قىلىشتىن يېنىۋالدى ۋە بۇ قىلمىشى بىلەن دۇنياغا يەنە بىر قېتىم رەزىل بولدى.