شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللىدى

26 -يانۋار شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغانغا مەكتۇپ يازغان بولۇپ، مەكتۇپنى تۈركىيەنىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى سۇلايمان سۈھا زۇلپىقار ئەپەندىگە تاپشۇرغان.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەردوغانغا يېزىلغان مەكتۇپتا، تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنامە تۈركىيە پارلامېنتىدا تەستىقلانغان ئەھۋالدا، خىتاي تۈركىيەدىن تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇلار ھېچقانداق سوئال- سوراقسىز، سوتلانمىغان ھالدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى ياكى شۇ ھامان ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشتەك ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن گۇرۇپپا تەشكىللەپ جەمئىيەتكە ۋاكالىتەن تۈركىيەنىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ئەلچىسى سۇلايمان سۈھا زۇلپىقار ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان.
زىيارەتتە، مەزكۇر كېلىشىمنامىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشىنىڭ كۈتۈلمەكتە ئىكەنلىكى، كېلىشىم تۈركىيە پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتسە، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ خەۋەر 1113 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2021 11:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق