ئىيى پارتىيەسى يىغىنىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر قىز ھەممەيلەننى ھاياجانغا سالدى

ئۇزۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئىيى پارتىيەسى بۈگۈن 27 – يانۋار پارلامېنتتا ئاچقان ھەپتىلىك يىغىنىدا يەنە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ شېرىكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۈكۈت قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئەيىبلىدى.
يىغىندا سۆز قىلغان پارتىيە رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ھەجۋىيلەشتۈرۈلگەن ھالدا باشلىغان سۆزىدە: «شۇنى كۆرۈۋاتىمىزكى، خىتاي مەركەز كومىتېتى تۈركىيە كومىسسارى قىسمەن ھاكىمىيەت ئۈستىدە بولغان نامى مەشھۇر ھۆرمەتلىك جىن پىڭ ... بىلگىنىڭلاردەك، جىن پىڭ بىر ئىسىم، شى بولسا فامىلە. ھۆرمەتلىك جىن پىڭ پېرىنچەك مەن مۇسۇلمان دەپ يۈرۈۋاتقان ھۆرمەتلىك ئەردوغاننىمۇ، تۈرك مىللەتچىسىمەن دەپ يۈرۈۋاتقان ھۆرمەتلىك باغچەلىنىمۇ بىر نېمىلەرنى قىلىپ ئەسىر ئاپتۇ.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىغا ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىن ئاۋاز كېلىۋاتقان پەيتتە، ئەنقەرەدىن ھازىرغىچە ھېچبىر ئاۋاز چىقمىدى. شۇنداقلا ئوتتۇرىدا 2017 – يىل تۈزۈلگەن جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى بار. مىللەت ۋەكىللىرىمىزگە خىتاپ قىلىمەنكى، بۇنى يېقىندىن كۈزىتىڭلار، قېنى كۆرەيلى! تاشقى ئىشلار كومىتېتى بۇنى كۈنتەرتىپكە ئېلىشقا جاسارەت قىلالامدۇ -يوق؟ بۇ يەردىن ئېلان قىلىمەنكى، بۇنى قىلىدىغان كىشى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زۇلۇمىغا ئىمزا قويىدىغان كىشىدۇر ۋە بۇنى بىر نومۇس نىشانىسى سۈپىتىدە ئۆمۈر بويى كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. ۋە ئۆمۈر بويى ھەممە ئادەم ئۇنتۇسىمۇ، مەن ھايات بولغان مۇددەتچە ئۇ نومۇس مېدالىنى ئۇ بويۇندىن ئالغىلى قويمايمەن، قەسەم قىلىمەنكى، قويمايمەن دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
كېيىن ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مانا بۇ سەۋەبلىك بۈگۈنكى يىغىنغا ئاتا يۇرت شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدىن كەلگەن قىممەتلىك بىر مېھماننى تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىتنى سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە سەھنىگە چىققان نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت ھاياجان ئىچىدە سۆزىنى باشلاپ مۇنۇلارنى دېدى: «ئائىلەمنىڭ ۋە مىللىتىمنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ماڭا بۇ پۇرسەتنى بەرگەن ھەممەيلەنگە رەھمەت ئېيتىمەن. مېنىڭ ئىسمىم نۇرسىمانگۈل ئابدۇررەشىد. تۈرك دۇنياسى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالىدىغان قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم. ۋە ئاشۇ ۋەتەنگە ياراملىق ئەۋلاد بولۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشىتم ۋە 2015 - يىلى ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيە كەلدىم ۋە ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرۈپ ھازىر ئىستانبۇلدا تونۇلغان بىر فابرىكىدا ئىشلەۋاتىمەن. لېكىن بۇ خۇشاللىقىمنى ئائىلەمگە يەتكۈزەممىدىم. شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، ھازىر مەن ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئەھۋالنى ئاللاھ دۈشمىنىمىگىمۇ بەرمىسۇن دەيدىغان دەرىجىدە ياشىماقتىمەن. 2017 – يىل 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن بۇيان ئائىلەم بىلەن ئالاقەم ئۈزۈلدى. دەل ئۈچ يىللىق تىرىشچانلىقتىن كېيىن شۇنى بىلدىمكى، ئاپام، دادام، ئاكام ۋە ئىنىم ئالدى بىلەن 21 -ئەسىرنىڭ جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلىپتۇ ۋە كېيىن ھېچقانداق سەۋەب كۆرسىتىلمەستىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپتۇ. دەپ ئائىلىسىنىڭ قانچە يىللىقتىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
مەن ھازىر ئاتا ئانامنىڭ قېرىنداشلىرىمنىڭ نەدە قانداق تۇرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىزمەن. خەلقئارا تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان خەۋەرلەر، ھۆججەتلەردىن كۆرۈۋاتقىنىڭلاردەك 2017 يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئۆزىنىڭ قانۇنلىرىغىمۇ ئەمەل قىلماستىن تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىقىش، چەتئەلدە تىجارەت قىلىش، چەتئەلدىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش دېگەندەكلەرنىمۇ بىر جىنايەت قاتارىدا سانىدى ۋە ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئۈچ مىليوندىن بەش مىليونغىچە خەلقىمىز جازا لاگېرلىرىغا قامالدى. مىنىڭ ئائىلەممۇ مۇشۇ سەۋەپتىن تۈرمىلەرگە تاشلاندى، نۆۋەتتە ئاتا – ئانامنىڭ ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمنىڭ قايسى ھالدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. تۈركىيەدە ئالدىڭلارغا ئۇچرىغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇردىن سورىساڭلار ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوخشاش ئازاب چېكىۋاتىدۇ. ھەتتا ئاتا- ئانىسىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، بالىلىرىدىن ئايلىرىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلاجسىزلىقتىن قوللىرىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رەسىملىرى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ كوچىلىرىدا دەردىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىلەر. مەن پەقەت بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاتا ئانامنى كۆرۈشنى ئۇلارنى قۇچاقلاشنى، ئۇلار بىلەن بىللە ياشاشنى خالايمەن. ئىنسانلىقتىن، مۇسۇلمانلاردىن تۈركلەردىن ياردەم ساقلاپ 4 يىل ئۆتتى. لېكىن ھازىرغىچە جازا لاگېرلىرى مەۋجۇت ۋە تېخىمۇ كېڭىيىۋاتىدۇ. ھەركۈنى قىرغىن قىلىنىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ سانى ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىپ قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر قىزلىرى رەسمىي ھالدا خىتايلار تەرىپىدىن تاللىنىپ تۇرۇپ، توي قىلىش نامىدا ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتىدۇ. ئاتا – ئانىسىز قالغان بالىلار بالىلار لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلىپ خىتاي قىلىپ تەربىيلەنمەكتە. خىتاي ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا قانچىلىك ئۇرۇنغان بولسىمۇ، دۇنيا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قەتلىئامنى بىلىپ يەتتى ۋە خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزى ئىچىپ تاشلاندى. مەن ئاخىرىدا شۇنى سورىماي تۇرالمايمەن: دۇنيا نېمىنى ساقلاۋاتىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلارچە ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشنىمۇ؟ ئەگەر ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۇ سۈكۈتىڭلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يوق بولۇشىغا سەۋەپ بولىدىغان بولسا، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بارلىقىغا، مۇسۇلمانلارنىڭ، تۈركلەرنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىگە مەن قانداق ئىشىنەي؟ قولۇڭلارنى يۈرۈكۈڭلارغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلاپ بېقىڭلار. ۋىجدانى بار، يۈرىكى بار ھەر قانداق كىشىنىڭ قولىدىن كەلگەننى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ زۇلۇمغا بىرلىكتە توختا دېيشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن سۆزۈمنى سۆزلىدىم ئەمدى ئىنسانىيەتتىن جاۋاب كۈتىمەن. ماڭا قۇلاق سالغىنىڭلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن» دەپ سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى.
نۇرسىمانگۈلنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەن پۈتۈن زال ئىچىدىكىلەر ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇنىڭغا ئالقىش سادالىرى ياغدۇردى.
ئارقىدىن سەھنىگە چىققان رەئىس مەرال ئاقشەنەر خانىم نۇرسىمانگۈلگە رەھمەت ئېيتتى ۋە بىر شېئىرنى ئوقۇپ يىغلىدى:
ئەسىر ئىكەن قىرىم، كەركۈك، تۈركىستان
ماڭا زىندان بولۇر ماراش، ئەلبىستان
ئىبنى سىنا، قۇرقۇت دەدەم، ئالپئارسلان
گەر سۈكۈت قىلسام ھەققىڭگە، مېنى كەچۈرمىسۇن.
مەجلىستىكى بۇ سۆزلەر بۈگۈن تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن تاراتقۇلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىلدى ۋە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

بۇ خەۋەر 979 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2021 10:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق