شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كوممۇنىزم ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلمەكتە

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىنلار تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.
سىندا ئاتالمىش سىياسى ئۈگۈنۈش دەرىسخانىسىدا توپلانغان يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار كوممۇنىست پارتىيسىنى مەدھىيەلەپ ناخشا ئېيتىشقا مەجبۇرلانغان. يەنە بىر سىندا خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشقا چۈشكەن بىر گۇرۇپ ئاياللارنىڭمۇ كوممۇنىست پارتىيسىنى مەدھىيەلەپ قىزىل ناخشا ئېيتقانلىقى، كوممۇنىست بايرىقىغا قاراپ تۇرۇپ قەسەم بېرىۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندىمۇ ئاتالمىش قوشماق تۇغقان خىتايلارنىڭ ئۆزلىرى قالغان ئۇيغۇر ئۆيلىرىدە قىزىل ناخشا ئېيتىپ ئۆي ئىگىلىرىگە كوممۇنىزم ئىدىيەسى سىڭدۈرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن بۇرۇن مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق پەسكەشلىكلەرنى ئىجرا قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 1534 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2021 10:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق