خىتاي ئۇيغۇرلارغا پومپېيونى ئەيىبلەش بۇيرۇقى چۈشۈردى

ئامېرىكا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو 19-يانۋار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان قىلدى. پومپېيونىڭ بۇ ھەققانىي قارارى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى ئىدارە-ئورگانلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قىسقا سىن ئارقىلىق پومپېيونى ئەيىبلەش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.

بۇيرۇقتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيونىڭ خىتايغا قارشى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارشى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ قىسقا سىن ئارقىلىق قارشى مەيدانىنى بىلدۈرۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك تەلەپلەر ئەسكەرتىلگەن: «1. خىتايچە ئىپادىلەش ئىقتىدارى ياخشى بولغان ئۇيغۇر بولۇشى كېرەك. 2. سىندا ئاۋۋال ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، ئىدارىسىنى تونۇشتۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچى قەدەمدە پومپېيو تارقاتقان باياناتقا قارشى «قەتئىي قارشى تۇرىمەن، غەزەپلەندىم» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىشى كېرەك. ئاخىرىدا ۋەتەننى سۆيىدىغانلىقىنى، بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك».

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزگەن جىنايى قىلمىشىدىن قېچىش ئۈچۈن، ئەخلاقنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىدىنمۇ ھالقىپ ئۆتۈپ، ۋاسىتە تاللىماي يالغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئەمدى جىنايىتىنى يوشۇرالمايدىغانلىقىنى، خەلقئارادا ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسى ئېچىلىدىغان پەيتىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 
بۇ خەۋەر 1698 قېتىم كۆرۈلدى
26/01/2021 20:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق