قوشماق تۇغقان سىياسىتى ئىزچىل داۋاملاشماقتا

تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە پەسكەشلەرچە ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش قوشماق تۇغقان سىياسىتى كۈنسىرى ئەۋج ئالماقتا بولۇپ، شۇنچە كۆپ خەلقئارالىق نارازىلىقلار ۋە ئەيبلەشلەرگىمۇ پەرۋا قىلمىغان خىتاي دائىرىلىرى ھەربىر ئۇيغۇرغا زورلاپ تاڭغان ئاتالمىش قوشماق خىتاي تۇغقانلار خەلقىمىزنىڭ ئۆيلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ نومۇسسىزلىقىنى داۋام قىلماقتا ۋە دۇنياغا كۆز – كۆز قىلماقتا.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئاتالمىش قوشماق تۇغقان سىياسىتىگە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە قونغىلى كەلگەن پەسكەش خىتايلار ۋە ئىلاجىسىز زورلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇلارنى كۈتۈشكە مەجبۇر بولغان خەلقىمىز كۆرسىتىلگەن بولۇپ، نومۇسسىز خىتايلارنىڭ بېخرامان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە يەپ – ئىچىشلىرى، ئائىلە ئىچىدىكى پەدىشەپ، ئەدەب – ئەخلاق قائىدىلىرىنى دەپسەندە قىلغاندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي ئىچى ئەركىنلىكىنىمۇ تۈرمە ھاياتىغا ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇنىڭغا ئوخشىغان نۇرغۇن سىنلار تارقالغان بولۇپ، بۇ پەسكەش سىياسەت ئاستىدا خىزمەت قىلىشنى خالىمىغانلارنىڭ ياكى ئۆيىدە خىتايلارنىڭ تۇرىشىغا قارشى چىققانلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1846 قېتىم كۆرۈلدى
26/01/2021 19:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق