ھىندىستان خىتاينىڭ نەچچە ئونلىغان ئەپ دېتاللىرىنى چەكلەشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان خىتاينىڭ ئون نەچچە يانفون كۆچمە قوللىنىشچان ئەپلىرىنى مەڭگۈلۈك چەكلەشنى قارار قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھىندىستان ئېلېكتىرون ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مىنىستىرلىقى ئاللىقاچان خىتاينىڭ قوللىنىشچان يانفون ئەپ دېتاللىرىدىن تىك -توكنىڭ چەتئەل نۇسخىسى، كۆچمە خەۋەرلىشىش سۇپىسى ئۈندىدار قاتارلىقلارنى چەكلەش ھەققىدە بۇلتۇر 6-ئايدا ۋاقىتلىق چەكلەش قارارى چىقارغان بولۇپ، بۇ قېتىم ھىندىستان خىتاينىڭ 20 نەچچە يانفون قوللىنىشچان ئەپ دېتالىنى مەڭگۈلۈك چەكلەشنى قارا قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 2020-يىلى 6-ئايدا گالۋان ۋادىسىدا يۈز بەرگەن ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشتىن كېيىن، يېڭى دېھلى دائىرىلىرى خىتاينىڭ 59 قوللىنىشچان ئەپلىرىنى چەكلەشنى قارار قىلغان ئىدى ۋە مەزكۇر خىتاي ئەپلىرىنى «ھىندىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى، ھىندىستاننىڭ مۇداپىئەسى ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك خىتاي شىركەتلىرىدىن بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قايىل بولمىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك ئالاقىدار چەكلىمىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىن بۇيان، ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ باشقا 100 دىن ئارتۇق يانفون قوللىنىشچان ئەپلىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي ئەمەلدارلىرى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھىندىستاننىڭ قىلمىشلىرى بازار پىرىنسىپى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بىلجىرلىغان.

بۇ خەۋەر 903 قېتىم كۆرۈلدى
26/01/2021 19:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق