ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىس پېين (Marise Payne) ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ خىرىسلىرىغا بىرلىكتە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مارىس پېين 25-يانۋار «ئاۋسترالىيەلىكلەر گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ ئىنتايىن يېقىن، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان «ئامېرىكىنىڭ پەقەت ئۆزىگە تايىنىپ رايون ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشىنى قوغدىشىنى كۈتمەيدىغانلىقى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئاۋسترالىيەنىڭمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقى»دىن ئىبارەت بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ماقالىسىدە يەنە ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئامېرىكا-خىتاينىڭ رىقابەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئاۋسترالىيەنىڭ خەلقئارالىق قانۇن ۋە قائىدىلەرنىڭ قوغدىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش قىلمىشىغا باتۇرلۇق بىلەن قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە يەنە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن تۆت يىلدا تىرامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ياخشى ھەمكارلاشقانلىقى، كەلگۈسىدە بايدېن ھۆكۈمىتى بىلەنمۇ ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ، تۈرلۈك خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قاتار تاشقى سىياسەت ھەمدە مۇھىم نۇقتىلىرى توغرىسىدا يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرگەن. بايدېن بارلىق سۆھبەتلىرىدە خىتاينىڭ خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.