خىتاي ئۆز جىنايىتىنى ئاقلاشتا پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى

سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو 19- يانۋار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشىنى ئارقا – ئارقىدىن ئېتىراپ قىلىشقا باشلىغان بىر پەيتتە ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى جىنايىتىنىڭ خەلقئارادا ئىسپاتلانغانلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرى رەددىيە بېرىپ چالۋاقاش ۋە تىرامپ ھۆكۈمىتىدىكى مايك پامپېييو قاتارلىق ئەمەلدارلارغا جازا يۈرگۈزۈپمۇ توختاپ قالماي، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي سۆزلىتىپ خەلقئارا جەمئىيەتتە تېخىمۇ شەرمەندىلەرچە ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا.

25-يانۋار تارقالغان سىنلىق مەلۇماتلارغا كۆرە، ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان خىتاي يەنە بىر مەيدان يالغان سەھنە ھازىرلىغان بولۇپ، ئايرىم ئايرىم ئۈچ كىشى سۆزلىتىلگەن. ئۇلارنىڭ بىرى ئاتالمىش 20 يىللىق تىل – يېزىق خادىمى بولغان ئابدۇللاھ، يەنە بىرى خوتەندىكى بىر مەسچىتنىڭ ئاتالمىش ئىمامى لۇتپۇللاھ ئابدۇرېھىم، يەنە بىرى بىر ئۇيغۇر ياش بولۇپ، ھەممىسى بىردەك ھالدا سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پامپېيپپونىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى باياناتىغا ئۆزلىرىچە رەددىيە بېرىشكە تېرىشقان.

ئەمما ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسى، سۆزلەش ئۇسلۇبى ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ياسالمىلىقنى ئىپادىلەپ قويغان بولۇپ، ئاتالمىش ئىمام لۇتپۇللانىڭمۇ قەغەزگە قاراپ ئوقۇۋاتقانلىقى ئېنىق بىلىنىپ قالغان.
يەنە بىر سىندا ئېتىزلىقتا مەجبۇرى ئىشلىتىلىۋاتقان بىر توپ ئاياللارمۇ پامپېييوغا رەددىيە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

كۈزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ پەسكەشلىكتە ۋە رەزىللىكتە چېكىدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندا سۆزلىتىلگەن مەزكۇر ئۇيغۇرلار، خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كىملەرنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقى، ھەتتا ئۆزلىرى رەددىيە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مايك پومپېييونى تېلېۋۇزۇردىمۇ تۈزۈكرەك كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمايدىغانلىقىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ھەرقانداق سۆزنى تاراتقۇلارغا چىقىرىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيدىغانلىقىنى، چىقىرىش توغرا كەلسە ئىكرانغا رىياسەتچىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ ئاغزى بىلەن چەتئەلدىكى مەزكۇر ئەمەلدارلارنى تىللىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ، مانا بۇنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ ھەقىقەتتىن قايسى دەرىجىدە قورقىدىغانلىقىنى، ئەمما نومۇس، ۋىجدان، ئەخلاق، ئىنسانىيلىق ئۇقۇملىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان خىتاينىڭ بۇنداق يالغانچىلىقلارنى قىلىشى تۇنجى ياكى ئاخىرقى ئىش ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشتى ۋە خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئويدورۇپ چىققان ۋە بۇندىن كېيىن ئويدۇرۇپ چىقىدىغان ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خەلقئارادا ئەسلا بازار تاپالمايدىغانلىقى، بەلكى دەل ئەكسىچە خىتاينىڭ ئۆزىنى ئۆزى رەسۋا قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

بۇ خەۋەر 1409 قېتىم كۆرۈلدى
26/01/2021 18:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق